
دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىلىرىدا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسىدىن 85 مىڭ 400ى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ %98تىن كۆپرەكىنى قاپلىدى. بۇنى مۇخبىر 8-ئاينىڭ 13-كۈنى خۇبېي ۋۇخەندە ئېچىلغان 2026-يىللىق قاتناش بىلەن ئېنېرگىيە يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشقان. 2026-يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىدا جەمئىي 85 مىڭ 400 توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇپ، قىسمەن قاتتىق سوغۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردىن باشقا جايلاردا تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىدە توك قاچىلاش مىقدارى 58 مىليارد 760 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.2 ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ