«يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.08.14 15:22 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى مېڭ شياڭفۇ، شۈ خاڭيەن

پاكلىق ‐ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى:«پۈتۈن پارتىيە جەزمەن پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە ئالغا سىلجىتىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملىشى ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى شەرت.»

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، ھەم ھادىسىدىن تۈزەشكە تايىنىپ، كۈچلۈك دورا بېرىپ كېسەلنى داۋالاپ، قاتتىق جازالاپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش؛ ھەم ماھىيەتتىن تۈزەشكە تايىنىپ، دۇرۇس بولۇپ ئۆزىنى تەربىيەلەپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ساقلاش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى:«يېڭى دەۋر پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پاك ئادەم بولۇش، پاكىز ئىش قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.»

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق پاكلىق يېتىلدۈرۈلۈپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ھادىسىدىن تۈزەش، ماھىيەتتىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.

يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلىندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

خېبېي جېڭدىڭدا، رەھبەرلىك ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى «ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمە»نى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى؛ فۇجيەن نىڭدېدا، «پاكلىق 12 ماددىسى»نى ئېلان قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى؛ جېجياڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە، ئۆلكە قاتلىمىدىن «پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى»غا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى...

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ يېپيېڭى تۈسكە كىرىشى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش كۈچەيتىلىپ، تۈزۈم تەمىناتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىدا ئەمەل قىلىدىغان قائىدە، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بار بولدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ «ئالتۇن نام كارتىسى» جۇلالاندۇرۇلدى؛ «يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلدى؛ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرىگە كىرگۈزۈلدى؛ «يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2025-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە)» بېسىپ تارقىتىلدى...

يەرلىكتىن مەركەزگىچە، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، باشتىن-ئاخىر بىردەك بولغان ئىستراتېگىيەلىك پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە بوشاشماي ئىزدىنىش روھى نامايان قىلىندى.

يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جان تومۇر قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتتىن چوڭقۇر ئوزۇق ئېلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى:«چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈشتە، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك»، «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى ۋە ئوزۇقى بولمىسا، ئېتىقاد، ئەقىدىنىڭ چوڭقۇر، مۇستەھكەم بولۇشى تەسكە توختايدۇ.»

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، پاك بولۇپ ئۆزىنى قوغدايدىغان مەنىۋى مەنزىلنى يېتىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ئارقىلىق ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇيدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئالىيجاناب پەزىلەتنى تاۋلاپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولىدىغان، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىدىغان مەدەنىيەت تۇپرىقىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

2014-يىلى 3-ئايدا، خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لەنكاۋ تارىخىدىكى پاك ئەمەلدار جاڭ بوشىڭنىڭ «ھەدىيە خىتابنامىسى»نى نەقىل كەلتۈردى، ئۇنىڭدا:«زەررىچە نەرسىمۇ نام-ئابرۇيۇڭـغا مۇناسىـۋەتـلىكـتـۇر؛ چۈنكى، شۇ ئازغىنە نەرسىمۇ پۇقرانىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەندۇر. كۆكسى-قارنىڭنى بىر ئۈلۈش كەڭ تۇتساڭ، پۇقرا نەچچە ئۈلۈش نەپكە ئېرىشۇر؛ پۇقرانىڭ بىر تىيىنىنى قاقتى-سوقتى قىلساڭ، ئادىمىيلىكىڭ بىر تىيىنغا ئەرزىمەس بولۇر. كىم كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سوۋغات بېرىشنى ئادەتتىكى ئىش دەيدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە پاكلىق ۋە نومۇسقا ئازار بەرگەنلىك. ئەگەرنىڭ پۇل-مالنىڭ كېلىش يولى توغرا بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەر نەدىن كەلگەن بولىدۇ؟» دېيىلگەنىدى. باش شۇجى «مېنىڭچە، بۇنى بىر ئەينەك قىلىشقىمۇ بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيەسىدىكى شىبەيپودا:«بۇ يەر قائىدە تۇرغۇزۇلغان جاي. پارتىيەنىڭ قائىدىسى، تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى پارتىيەنىڭ ئىستىلى ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كۈچەيتتى» دەپ كۆرسەتتى؛ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ دۇڭشەن ناھىيەسىدىكى گۇ ۋېنچاڭ خاتىرە سارىيىدا:«يولداش گۇ ۋېنچاڭدىن ئۆگىنىشتە، يۈكسەك ئىرادىلىك ئۇلۇغ زاتلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىپلا قالماي، يەنە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم بولۇش، ئىش كۆرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ..

يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى دېگىنىمىز، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايە-ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى، ئىنتىزام-قانۇن ئېڭىنى چوڭقۇر بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش داۋامىدا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئاساسىدا، ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ باش كەيگۇەن مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشقا يېتەكلەش دېگەنلىكتۇر.

ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەدىن پاكلىقنى ئۇلۇغلايدىغان، چىرىكلىشىشنى توسىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىغىچە، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ.»

ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇپ كەلدى. ئائىلە ئىستىلىنى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىغا باغلىدى. رەھبىرىي كادىر بولغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ھەربىر جايغا بېرىپ خىزمەت قىلغاندا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مەن خىزمەت قىلىۋاتقان جايدا ھەرقانداق سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ، مېنىڭ بايرىقىمنى كۆتۈرۈۋېلىپ ھەرقانداق ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى تونۇمىغانلىقىمدىن ئاغرىنماڭلار.»

ئۆزى ئۈلگە بولغاندىلا، ئاندىن باشقىلارنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ. بىرقانچە تاماق تىزىملىكى، تالوننى كىشىلەر ئىزچىل زوقلىنىپ سۆزلەپ كەلمەكتە: 2012-يىلى، باش شۇجى خېبېي فۇپىڭ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولغان چاغدىكى كەچلىك تاماق تىزىملىكى؛ 2014-يىلى، خېنەن لەنكاۋ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولغان چاغدىكى تاماق پۇلى تالونى؛ 2015-يىلى، لياڭجياخېدىكى يۇرتداش لياڭ يۈمىڭنىڭ ئۆيىدە يېگەن چۈشلۈك تاماق تالونى... ئادەتتىكى تاماقلار يېيىشلىك ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك دەۋر يېڭى ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش»نى تەكىتلەپ، «پاكلىق ئىدىيەسى، پاكلىق تىپلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، پاكلىقنى ئۇلۇغلاپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش»نى تەلەپ قىلدى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش كەيپىياتى ئارقىلىق كىشىلەر تەربىيەلەندى.

پاكلىق باش تېما باغچىسى، پاكلىق تەربىيەسى بازىسى، پاك كەنت تۇرالغۇسى... نۇرغۇن جايلار شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، «مەيىن شامال خەرىتىسى» قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پاكلىق مەدەنىيىتى بازىسىنى ئۈنچە مارجاندەك تۇتاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئورگانلاردىن مەكتەپلەرگىچە، مەھەللىلەردىن يېزا-كەنتلەرگىچە مەيىن شامال، توغرا كەيپىيات جۇڭگو زېمىنىدا كەڭ تارقالدى.

«قۇرۇق نام قوغلاشماي، ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلماي، پۇختا ئىش قىلىش كېرەك.» يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، پاكلىق تەشۋىق-تەربىيەسى بويىچە «دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلار پاك-دۇرۇس بولۇش، ھۆكۈمەت پاك بولۇش، سىياسىيدا تەرتىپلىك بولۇش، جەمئىيەت ساپ بولۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ