C919 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

2026.08.13 15:20 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە،C919 يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى CA723 نۆۋەتچى ئايروپىلانى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 15:00تە بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇرغا بارىدىكەن، بۇ، C919 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا سودا نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئىكەن.

C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم خەلقئارادا ئۇچۇشقا ماس كېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە رېئاكتىپ غول لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، 2023-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى قېتىملىق سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى تاماملىغان.

جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى تىجارەت قىلىدىغان C919 يولۇچىلار ئايروپىلانى جەمئىي 57 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، 25 شەھەرگە قاتنىغان، بىخەتەر توشۇلغان يولۇچى 7 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ