ئۇدا ئىككى ئاي بىر مىليوندىن ئاشتى، دۆلىتىمىز ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى

2026.08.13 15:19

مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئايدا دۆلىتىمىز ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان.

ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل 1 مىليون 43 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.6، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 553 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %5.7، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %145.5 ئاشقان. مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، بۇ يىل 4-، 5-ئايدا ئۇدا ئىككى ئاي ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل 900 مىڭدىن ئاشقاندىن كېيىن، 6-، 7-ئايدا ئېكسپورت يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇدا ئىككى ئاي بىر مىليوندىن ئاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا ئىككى ئاي %50 تىن ئاشقان.

جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن شىخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل بازىرىدا "ئىچكى ئېھتىياج بېسىمىغا ئۇچراش، تاشقى سودا كۈچلۈك بولۇش"تەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، ئېكسپورت كەسىپ ئومۇمىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچ ۋە يادرولۇق ئېشىش موتورىغا ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ