
جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ "خاسىيەتلىك بۈركۈت-2026" ناملىق پاراشۇتچى ئەسكەرلەر بىرلەشمە مەشقى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم مەشىق مەركىزىدە باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مەشىقتە شەھەر-بازارلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكىتى تېما قىلىنغان بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتىكى بىرلەشمە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا پائال رول ئويناش مەقسەت قىلىنغان. بۇ جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئۆتكۈزگەن 4-قېتىملىق "خاسىيەتلىك بۈركۈت" ناملىق يۈرۈشلۈك بىرلەشمە مەشىق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ