
جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731-قىسمىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرى كۆرگەزمىخانىسى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى يېڭىدىن رەتلەنگەن جىنايەت پاكىتلىرى تارىخىي ماتېرىياللىرىنى ئاشكارىلىدى. ئەسلىدىكى 731-قىسىم خەيلار تارماق ئەترىتى (مەنجوۋ 543-قىسىم) نىڭ سەھىيە ئەسكىرى گۇساكى قاتارلىقلارنىڭ 70 مىنۇتلۇق ئاغزاكى گۇۋاھلىق سۆزى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا جۇڭگودا زور مىقداردا زەھەرلىك گاز بومبىسىنى كۆمۈپ قويغانلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ ياپونىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى تاشلاپ قويۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ ئاغزاكى ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىدى.
گۇساكى قاتارلىقلار ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندا جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىۋەتكەنلىكى ۋە زەھەرلىك گاز بومبىلىرىنى كۆمۈۋەتكەنلىكىدەك پاكىتلارنى پاش قىلغان. ئۇنىڭ ئىسپاتلىشىچە، چېكىنگەندە، خەيلار تارماق ئەترىتى قىسىم ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن، ئەمما ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ زەھەرلىك گاز قىسمى زور مىقداردىكى زەھەرلىك گاز بومبىسىنى يوشۇرۇن كۆمۈۋەتكەن. ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: "ئۇ باكتېرىيە ئەمەس، بەلكى زەھەرلىك گاز"، "زەھەرلىك گاز قىسمى مەۋجۇت بولۇپ، فۇلارجى دېگەن جايغا تەسىس قىلىنغان."
جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731-قىسمىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جىن شىچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئاغزاكى بايان ياپونىيە ئارمىيەسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندا جۇڭگودا خىمىيەلىك قوراللارنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىۋاسىتە ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا ئۇرۇشتىن كېيىنكى زەھەرلىك گاز زىيىنىنىڭ تارىخىي مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ