
ئامېرىكىلىق كارخانىچى، توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى، تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق يازدى: "جۇڭگو بەك قالتىس. مەن كۆپچىلىكنىڭ بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن."
ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى X تىكى تېسلا شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى كەسپىنى مۇزاكىرە قىلغان بىر يازما ئاستىدا ماسك يۇقىرىقى باھانى بەرگەن.
ماسكنىڭ ئانىسى مېيې ماسك ئارقىدىنلا ماسكنىڭ بۇ يازمىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان: "مەن قوشۇلىمەن. (جۇڭگونىڭ) ھەربىر شەھىرى ئۆزىگە خاس سېھرىي كۈچكە ئىگە، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى بولىدىغان ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. ئىمارەت ۋە كوچىلار پاكىز، رەتلىك، ئاسرىشىمۇ ياخشى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەر ئەدەپلىك، ئىشچان ھەم باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدۇ. مەن (جۇڭگودا) ئۆزۈمنى بىخەتەر ھېس قىلىمەن، شۇڭا جۇڭگوغا (ساياھەتكە) بېرىشتىن بەك ھۇزۇرلىنىمەن."
يېقىندا، ئامېرىكا پىيۇ تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارادىكى خەلقنىڭ جۇڭگوغا بولغان ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ