ئالما شىركىتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى

2026.08.12 14:46 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ۋال كوچىسىدىكى داڭلىق مەبلەغ سېلىش بانكىسى جېففېرىيس ئالما شىركىتىنىڭ دەرىجىسىنى "ئىلكىدە تۇتۇش"تىن "ئومۇمىي بازاردىن تۆۋەن بولۇش"قا تۆۋەنلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نىشان پاي باھاسىنى تەخمىنەن 20 دوللاردىن 263.66 دوللارغىچە تۆۋەنلەتتى، دۈشەنبىدىكى ئاخىرقى باھاغا قارىغاندا يەنىلا %14 تۆۋەنلەش بوشلۇقى بار.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جېففېرىيسنىڭ ئانالىزچىلار كوللېكتىپىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالما شىركىتى ئەسلىدە 2027-يىل 9-ئايدا پۈتۈن ئەينەك گەۋدىلىك iPhoneنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە پارچە سېتىلىش باھاسى 2060 ئامېرىكا دوللىرى، تەخمىنەن 13 مىڭ 900 يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، لېكىن لاياقەتلىك مەھسۇلاتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆلچەمگە يەتمىگەچكە، بۇ پىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. نۆۋەتتە ساقلىغۇچ ئۆزىكىنىڭ تەننەرخى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى، ئالما شىركىتى ئەسلىدە يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفون تىپىغا تايىنىپ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئۆستۈرمەكچى بولغان، بۇ خىل يانفون تىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئالما ماركىلىق يان تېلېفوننىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى ۋە ئومۇمىي پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، شىركەتنىڭ پايدا ئىستىقبالىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ