
مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ پاش قىلىش مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2026-يىل 7-ئايدا، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ پاش قىلىش مەركىزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك تور ئۇچۇرىنى پاش قىلىش خىزمىتى تارماقلىرى، ئاساسلىق تور بېكەت سۇپىلىرىنىڭ تور ئەھلى پاش قىلغان شەھۋانىيلىق، قىمار، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، پىتنە-ئىغۋا قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلاردىن 17 مىليون 785 مىڭنى قوبۇل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان، بۇ ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىگەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 تۆۋەنلىگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ پاش قىلىش مەركىزى پاش قىلىنغان 741 مىڭ دېلونى قوبۇل قىلغان، جايلاردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ پاش قىلىش تارماقلىرى 577 مىڭ پارچە پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق تور بېكەت سۇپىلىرى 16 مىليون 467 مىڭ پارچە پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ