بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىغا قانۇنسىز خۇرۇچ قوشۇش قىلمىشىغا زەربە بەردى

2026.08.12 14:48 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ يېقىندا بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىغا قانۇنسىزخۇرۇچ قوشۇش قىلمىشىغا كۈچلۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، بۇ ئىدارە «يېمەكلىكنى تولۇقلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيى تەركىبىدىكى ئېتىل مالتوفېنولنى ئۆلچەپ بېكىتىش» (BJS202604)نى ئېلان قىلغان.

يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تامىقىدىكى زۆرۈر بۇيۇم بولۇپ، ئۇنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئېتىل مالتوفېنول سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن يېمەكلىككە تەم كىرگۈزىدىغان خۇرۇچ بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇلغان ئېتىل مالتوفېنولنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپى مەۋجۇت بولىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئېتىل مالتوفېنولنى يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىغا قوشۇپ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. لېكىن، يۇقىرى سوممىلىق مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە، قانۇنسىز سودىگەرلەر ناچار ئۆسۈملۈك مېيى، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ يېڭىلانغان مايغا قانۇنسىز ھالدا ئېتىل مالتوفېنول قوشۇپ، ماينىڭ ئوكسىدلىنىپ سۈپەت ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان سېسىق غەيرىي پۇراقنى بېسىپ، كۈنجۈت مېيى، خاسىڭ مېيى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ماي مەھسۇلاتلىرىدا قويۇق خۇش پۇراق پەيدا قىلىپ، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، ساختىنى راست قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سوممىلىق قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشىش مەقسىتىگە يېتىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ