كەچ ئۇخلىسا ھېچقىسى يوق، كۈندۈزى ئۇخلىسا ئۇيقۇنى تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟

2026.08.12 14:48 مەنبە: خەلق تورى

ئۇيقۇ ئاددىي ھالدىكى قوشۇش-ئېلىش ئەمىلى ئەمەس، كۈندۈزلۈك ئۇيقۇ تولۇقلاش كېچىلىك ئۇيقۇ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ ئورنىنى تولۇق تولدۇرالمايدۇ. بىرىنچىدىن، كېچىلىك ئۇيقۇ ياخشى دەۋرىيلىك ۋە ئۇيقۇ قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇپ، كۈندۈزى ئۇيقۇ تولۇقلىغاندا كۆپ ھاللاردا يېتەرلىك قېنىپ ئۇخلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كۈندۈزى دىققەت چېچىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، كەيپىياتنى كونترول قىلالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈندۈزى ئۇيقۇ تولۇقلىغاندا، پەقەت قىسمەن سەگەكلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولسىمۇ، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىق يەنىلا كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ كەمچىل بولۇشى قان بېسىمىنىڭ كېچە-كۈندۈزلۈك رىتىمىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان قان تومۇرلارنىڭ زەخىملىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ