
مۇخبىرىمىز ئوۋياڭ جيې
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 30 تىرىليون 130 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.3 ئاشتى. 7 ـ ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 4 تىرىليون 660 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئېشىپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت كۆلىمى ئۇدا بەش ئاي 4 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.
دۇنيانىڭ رەقەملىشىش، يېشىللىشىش تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارىتا، دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقىل، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلىرىنىڭ ئېكسپورت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئېكسپورتتىكى "يېڭى"لىق مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، دۆلىتىمىز ئېكسپورت قىلغان ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى 11 تىرىليون 120 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.2 ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، توكلۇق ئاپتوموبىل، شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى،3D پىرىنتېرى، پاراخوت قاتارلىقلارنىڭ ئېكسپورتى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى سەرخىللىشىش، ئەقلىيلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى. 7-ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ئېكسپورتى %50 تىن ئېشىپ، ئېكسپورتنىڭ %60كە يېقىن ئېشىش مىقدارىغا تۆھپە قوشقان؛ توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە قاتارلىق يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مەھسۇلات ئېكسپورتى ئۇدا 17 ئاي ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشقان.
سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جۇ سىچياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتتىكى ئىپادىسى تېخىمۇ يارقىن بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش مىقدارىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئۇرغۇتتى.»
تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %10 تىن ئاشتى؛ پەسىل بويىچە قارىغاندا، ئۇدا 11 پەسىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئېكسپورتنىڭ ئېشىشىدىكى تۈپ سەۋەب جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ دۇنيادىكى تۈرلۈك ئېھتىياج بىلەن دەل جايىدا ماسلاشقانلىقىدا. جۇڭگونىڭ مۇقىم تەمىنات زەنجىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە ئايلانماقتا."
جۇ سىچياۋ مۇنداق تەھلىل قىلدى: يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئالاقىدار كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، تاشقى سودا ئېلاستىكلىقىنىڭ مۇھىم تىرىكىگە ئايلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى ئورنى تەدرىجىي ھالدا قاتناشقۇچىدىن يادرولۇق تەمىنلىگۈچىگە ئۆزگەرمەكتە، ئېكسپورتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئۆزەك ئوراش-قاچىلاش، يادرولۇق زاپچاس، يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق قاتارلىق يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك ھالقىلارغا كېڭەيمەكتە، دۇنيا يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق تەمىنات زەنجىرىدىكى ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان خاراكتېرى سىجىل كۈچەيمەكتە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ نۆۋەتلىك ئېكسپورتنىڭ يۇقىرى ئېشىشى قىسقا مۇددەتلىك دەۋرىيلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ جۇغلىنىشىدىن شەكىللەنگەن يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدۇر.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ