تيەنجىن قىزىل مەدەنىيەتنى تارقىتىش ۋە ئادەم تەربىيەلەش سېپىنى بەرپا قىلدى −

ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش (ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈللىنىش سەپىرىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش)

2026.08.12 14:44 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز گوڭ شياڭجۈەن

توققۇز دەريانىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى تيەنجىن تۇپرىقىدا سانسىزلىغان ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كۈرەش ئىزلىرى قالغان.

2024-يىلى 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىندىكى پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇش تارىخىنى ئۆگىنىپ ھەم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تەستە قولغا كەلگەن قىزىل ھاكىمىيەتنى قەدىرلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش كېرەك.»

تيەنجىن باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل بايلىقتىن بىرتۇتاش ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان قىزىل مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە ئادەم تەربىيەلەش سېپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، قىزىل گېن مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزدى.

بايلىقنى قوغداپ ۋە قېزىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇردى.

پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدىكى ھەربىر كۆرگەزمە بۇيۇمى، ھەربىر ماتېرىيال سۈرىتىدە پىڭجىن ئۇرۇشىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى جانلىق نامايان قىلىنغان.

64كۈن داۋاملاشقان پىڭجىن ئۇرۇشىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن، تارىخىي ماتېرىياللار كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇن ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى تولۇق قالدۇرۇلمىغانىدى. پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى ياۋ جيەنبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «1997-يىلى خاتىرە ساراي ئېچىلغاندىن بۇيان، بىز يىل بويى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ يىپ ئۇچى ۋە ماتېرىياللىرىنى توپلىدۇق. بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، يەنە يېڭىدىن بېكىتىلگەن ئۈچ ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ شانلىق ئىسمىنى تولۇقلاپ ئويىدۇق.» خاتىرە ساراي ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تامغا 6639 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىسمى ئويۇلغان بولۇپ، 29 يىلدىن بۇيان، زىيارەت قىلىش، ئىزدەش ئارقىلىق، يەنە 272 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىسم-فامىلىسى ۋە يۇرتى يېڭىدىن بېكىتىلىپ تولۇقلاندى.

مۇزېي بىلەن مەكتەپنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، «چوڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

«جۇڭخۇا دۇنيا ئالدىدا قەد كۆتۈرگەن پەيتتە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» سەھنىدىكى ياش جوۋ ئېنلەينىڭ رولىنى ئالغۇچى يۇقىرى ئاۋازدا چۇقان سالدى، تۆۋەندە ئولتۇرغان نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى. بۇ يىل 1-ئايدا، نەنكەي داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى جوۋ ئېنلەي، دېڭ يىڭچاۋ خاتىرە سارىيى، پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپ تارىخى سارىيىدا «جوۋ ئېنلەي جەنۇبقا قايتىپ كەلدى» ناملىق چۆكمە شەكىلدىكى دىرامىنى ئورۇنلىدى. دىرامىدىكى ياش جوۋ ئېنلەينىڭ رولىنى ئالغۇچى، نەنكەي داشۆنىڭ ئاسپىرانتى لۇڭ شياۋ مۇنداق دېدى:«تەجرىبىخانىدىن چىراغ نۇرى ئاستىغا كەلگەن پەيتتە، مەن نېمىنىڭ ‹جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئوقۇش› ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.»

كەلگەن يولنى ئۇنتۇمىغاندا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ. تيەنجىن شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، 223 تەتقىقات-ئۆگىنىش-ئەمەلىيەت بازىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ، 80 مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي مەيدان-سارىيى، 173 ئورۇندىكى مۇقىم قىزىل بايلىقنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، «مەكتەپ ئىچىدىكى نەزەرىيە+مەيدان-ساراي ئەمەلىي مەنزىرىسى» بىر گەۋدىلەشكەن ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

قىزىل مەدەنىيەت مەيدان-سارايلاردىن چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندى، دۇنياغا تۇتاشتى. جوۋ ئېنلەي، دېڭ يىڭچاۋ خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى جاڭ سەيشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ‹جانلىق چوڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرىسى›نى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، خېبېي، شىزاڭ، شىنجاڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە، باش تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدۇق.» خاتىرە ساراي ھىندونېزىيەدە مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە ئۆتكۈزدى، شۇ جايدا كۇڭزى دەرسى سەييارە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى؛ فىرانسىيەدە «جوۋ ئېنلەي ۋە فىرانسىيە» ئالاھىدە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى...

شەكىل، ۋاسىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەجدادلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ھېس قىلىش، چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

7-ئاينىڭ بېشىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىر تۈركۈم مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىغا يېڭىدىن نام بەردى، جى خۇڭچاڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى تاللاندى. بۇ يەردىكى «جى خۇڭچاڭنىڭ ھايات كۆرگەزمىسى»دە ئون كۆرگەزمە ئۆيى ۋە ئالتە ئورۇندىكى كۆرۈنۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جياڭجۈن جى خۇڭچاڭنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنغان. بۇ يىل 3-ئايدا، جى خۇڭچاڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا «دۆلەت روھى» ناملىق چۆكمە شەكىلدىكى كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇلۇپ، ھېس قىلغىلى، سەزگىلى بولىدىغان تەربىيە مەنزىرىسى يارىتىلدى.

نۆۋەتتە، تيەنجىن پۈتۈن شەھىرىنىڭ قىزىل بايلىقى 392 تۈرگە يەتتى. تيەنجىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مۇھىم قىزىل بايلىقلارنى «مارجاندەك تۇتاشتۇرۇپ»، ئالتە ھېس قىلىش لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر يىلى 17 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى؛ تۈرلۈك باش تېمىلىق كۆرگەزمىدىن 500 دىن ئارتۇقنى ئۆتكۈزدى، ھەر يىلى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 16 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ