
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 10-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش خىزمىتى يېقىندا تولۇق تاماملاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىشتا مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش بىلەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسى "بىرگە بىر" قايتما ئىنكاس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ ئېلىپ بېرىلدى.
مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىدا كۆزىتىشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يەتتە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە "قايتا تەكشۈرۈلگەن" ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالتە تارماق، تۆت تەرەققىيات رايونى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق تۆت دۆلەت كارخانىسىغا كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا "بىرمۇ بىر" قايتما ئىنكاس قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ