
7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكى بويىچە تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كېچىلىكتە 48 نومۇر كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، سان جەھەتتە رېكورت يارىتىلىدىكەن، جەمئىي 114 مەيدان ئويۇن قويۇلىدىكەن.
8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىن كەلگەن 48 ئويۇن تىزىملىكى مېيلەنفاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى، تيەنچياۋ تىياتىرخانىسى، باۋلى تىياتىرخانىسى، چاڭئەن چوڭ تىياتىرخانىسى قاتارلىق بېيجىڭدىكى 13 تىياتىرخانىدا ئارقا-ئارقىدىن قويۇلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك كۆرەككە قاتناشتۇرۇلغان نومۇرلار ئىچىدە ئاساسىي قاتلام ئۆمەكلىرىنىڭ نومۇرلىرى %32نى ئىگىلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار ھەمكارلىشىش، بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي ھەمتۈرتكە بولۇش، شەرقىي شىمال ئۆلكە ھالقىپ ھەمكارلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ھالقىپ بىرلىشىپ ئىجاد قىلىنغان بەش نومۇر ئورۇنلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ