شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەردىن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىدى

2026.08.10 15:27 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەردىن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا چېتىلىدىغان 4A دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئەندىزىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەش لايىھەسىنى تۈزۈپ تەرتىپ بويىچە ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئادەم بويىچە ھەق ئېلىش، ئاپتوموبىل بويىچە ھەق ئېلىشنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىل بويىچە ھەق ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ، ئاپتوموبىل تىپى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىدە بېكىتىلگەن ئادەم سانى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بەش كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاپتوموبىلللاردىن ئېلىنىدىغان باھا بىردەك 120 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئالتە كىشىلىكتىن يەتتە كىشىلىككىچە بولغان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان باھا 180 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، سەككىز كىشىلىكتىن 19 كىشىلىككىچە بولغان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان باھا 300 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، 20 كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان باھا 600 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئىجرا قىلىش لايىھەسى ئىككى خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ: ئەسلىدىكى ئادەم بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان مەنزىرە رايونلىرىدا، يېڭى لايىھە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈنچى مەزگىل بولۇپ، باھا بىردەك ھەربىر ئادەمدىن ئېلىنىدىغان باھا 30 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان مەنزىرە رايونلىرىدا، يېڭى لايىھە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىنمايدۇ. ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يېڭى لايىھەسى يېقىندا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ