شىنجاڭدىكى 140 مىڭدىن ئارتۇق يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى "بىر تور ئارقىلىق بىرتۇتاش باشقۇرۇلىدۇ"

2026.08.10 15:27 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئاقىل نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، "يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئاقىل نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تورى" بىلەن دەل جايىدا تەربىيەلەش سىستېمىسىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، 143 مىڭ 300 يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى رەقەملىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. شىنجاڭنىڭ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى "يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئاقىل نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تورى" سۇپىسى قۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، كۈندىلىك چارلاش، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، قايتا تەكشۈرۈش، ئىناۋەتنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى دائىملىق ھەرىكەت ھالىتىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، خەۋپ-خەتەرنى دەرىجىگە ئايرىش ۋە يېپىق ھالقىلىق تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ