2026-يىللىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئائىلىلەر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش كۆرگەزمە پائالىيىتى ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلدى

2026.08.07 16:06 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2026-يىللىق "ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئائىلە-دۆلەت ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش" تېمىسىدىكى مىللەتلەر رايونىدىكى ئائىلىلەر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش كۆرگەزمە پائالىيىتى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ شياۋۋېي، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رېن يوۋچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قەيسەر ئابدۇكېرىم پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن ياڭ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ما لېجيەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

خۇاڭ شياۋۋېي مۇنداق بىلدۈردى: پائالىيەت ئۈنۈمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىشى، رىشتىسىنىڭ تېخىمۇ چىڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى سەپىرىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ