
8-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 14 توپ كوماندىسىنىڭ كوماندا ئىزنىكىدىن تەركىب تاپقان بىر يۈرۈش نەپىس خاتىرە ئىزنىكى رەسمىي بارلىققا كەلگەن. بۈگۈندىن باشلاپ، توپ مەستانىلىرى شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئورگان تور بېكىتى ياكى ھەرقايسى ساھىبخانا مۇسابىقە نەق مەيدانىدا سېتىۋېلىپ ساقلىسا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2026-يىللىق "قەلبداشلىق لوڭقىسى" شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 21:00دە، ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتاي كوماندىسى بىلەن تۇرپان كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدىكەن، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 20:30 دا ئىلى كوماندىسى بىلەن قەشقەر كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ