
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، "تېررورىزمنىڭ يېڭى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش: دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش» باش تېمىسىدىكى 2026-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئاقىللار ئامبىرى، شۆيۈەن ۋەكىللىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 24 دۆلەتتىن ۋە رايونلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپتۇ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەجرىبە-ئۇسۇللىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدىكەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇھاكىمە يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى، دۇنيا مۇسۇلمانلار مەھەللە كېڭىشى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قوللىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ