
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى ليۇ جىچياڭ، ليۇ ۋېنشىن
زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى زامانىۋى دۆلەتنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسى، ئۇ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك.
7-ئاينىڭ 30-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: "زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك"، "ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېڭى گۈللەنگەن تۈۋرۈك كەسىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك".
"مۇشۇ يىللاردا دۆلىتىمىز ئىقتىسادى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ بولدى." "15-بەش يىل"نىڭ باشلىنىش يىلىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ "يېڭى يىللىق تۇنجى دەرس"تە تەرەققىيات لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، "زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى پۇختا قۇرۇش»نى تەكىتلىدى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىقىرىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملىشى، پۇختا. ساغلام ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، "ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش" كېرەك.
چوڭ دۆلەتنىڭ جەزمەن چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.
بۇ يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، "زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.
بىر ساھەگە نەزەر. 2023-يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا چوڭقۇر ئۈمىدىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: "جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئەمەلىي ئىقتىسادتىن مەۋھۇم ئىقتىسادقا يۈزلىنىش يولىدا مېڭىشقا بولمايدۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش شەرت.» ماشىنا ئادەم، ئادەمسىز ئۇچقۇ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق كەسىپلەر تېز يېڭىلىنىۋاتىدۇ، گۇاڭدۇڭ "ياسىمىچىلىق ئارقىلىق ئۆلكىنى گۈللەندۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ"، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ ئايروپىلاننىڭ ئۇچقاندەك يۈكسىلىشىدىن كېمىسازلىق كەسپىدىكى "ئۈچ چوڭ مەرۋايىت"نى توپلاش، "گاۋتيې تېخنىكىسىدا خەلقئارادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش»كىچە، ئىزچىل يۇقىرىغا ئۆرلەپ مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. "14-بەش يىل" مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30كە يېقىنلىشىپ، كۆلىمى ئۇدا 16 يىل پۈتۈن يەر شارى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.
"15-بەش يىل"لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا "زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، زورايتىش» تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى.
"يول توغرا بولسا، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش كېرەك"، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، "ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن" جۇڭگو داۋاملىق ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ تېخىمۇ كەڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ.
تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، "پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش».
پەن-تېخنىكا رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىمىز، ئاستا ئىلگىرىلىسەكمۇ چېكىنىپ كېتىمىز، جۇڭگو قانداق قىلغاندا زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىيەلەيدۇ؟
"پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى"، "يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى." باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى "يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش"كە يېتەكلىدى.
بۈگۈنكى جۇڭگودا، بىر كۈندە نەچچە مىڭ كەشپىيات پاتېنتى دۇنياغا كېلىدۇ، 1 مىليارد 500 مىليوندىن ئارتۇق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، 40 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساپ چىقىلىدۇ. "ئىستراتېگىيەلىك تىرەك" يەنىمۇ كۈچىيىپ، "مۇقەررەر تەلەپ"نى ئىگىلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىپ، "يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئەڭ تېز ئاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى".
"ۋەزىيەت كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، شۇنداقلا مەجبۇرلايدۇ." بۇ يىل "ئۈچ قېتىملىق پەن-تېخنىكا يىغىنى"دا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: "بىز جەزمەن تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر خىرىسىنى كۈتۈۋېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.» ھەربىر سۆز ناھايىتى ۋەزىنلىك بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.
ئىلمىي يولنى ئىگىلەشتە، "يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش شەرت».
لياۋنىڭ بېنگاڭ پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، خېنەن لوياڭ ئوق قازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، سەنشى ياڭچۈەن كىلاپان پاي چەكلىك شىركىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم "كونا زاۋۇت"قا كىرىپ، "ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى بىراقلا 'تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ'، 'قالاق كەسىپ' دەپ قاراپ تاشلىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ" دەپ تاپىلىدى.
سەمىمىي تەربىيەگە "ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىمىنى ئاساسىي تايانچ قىلىش»قا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش مۇجەسسەملەنگەن، "يېڭى، كونا تەرەققىيات قۇۋۋىتىنىڭ تەكشى، مۇقىم، داۋاملىق ئالماشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش"تەك ئېھتىياتچانلىق مۇجەسسەملەنگەن.
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە، كەسىپ ساپاسى بارغانسېرى "ساغلام" بولۇۋاتىدۇ: "پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ"، پولات-تۆمۈر، توقۇمىچىلىق، كېمىسازلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈنسېرى ئۇرغۇۋاتىدۇ؛ "پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپ ئېگىزلىكىنى تېز ئىگىلەپ"، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر پۈتۈن يەر شارىدا ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت خەۋەرلىشىشى، كومپيۇتېر-مېڭە ئۇلاش ئېغىزى قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەر كۈچ توپلاپ ئاتلىنىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.
راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، "ھەم ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادە بولۇش، پائال تىرىشىپ تەرەققىي قىلىش، ھەم مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇش، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك".
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ھەرقايسى جايلارغا "مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ"، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تاپىلىدى. خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا، "شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى يېتىلدۈرۈش"نى تەلەپ قىلدى؛ جېجياڭغا بېرىپ، "پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش"قا ئىلھام بەردى؛ نىڭشيادا، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋە يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنى "تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى .....
سەمىمىي تاپشۇرۇق تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىش تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماشىنا ئادەم "تۆت سائەتلىك كەسىپ چەمبىرىكى"نى تېز شەكىللەندۈردى؛ چىڭخەي تۇز كۆل بايلىقى جەھەتتە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما كەسىپنىڭ قانىتىنى تەدرىجىي چوڭايتتى؛ خۇنەن شاۋدۇڭ شەھىرى چاقماق مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇردى، مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلىدى. ..كەسىپ زەنجىرى "ئۆزئارا جىپسىلاشتى"، ھەرقايسى ئاۋازلىق بۆلەكلەر "گۈزەللىكلەردە ئورتاقلاشتى"، كەسىپ ئاساسى بارغانسېرى پۇختىلاندى، مۇستەھكەملەندى.
سودا-سانائەت دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. "زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش '15-بەش يىل' مەزگىلىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە." ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، "قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ"، جۇڭگو زامانىۋى ئىقتىساد چوڭ دولقۇنىدا "باشتىن-ئاخىر ئەزىمەتلىك رولىنى ساقلايدۇ".
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ