سەي چى بېيدەيخېدا يازلىق دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

2026.08.04 14:30 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى بېيدەيخېدىن بەرگەن تېلېگراممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى بېيدەيخېدا يازلىق دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى سەپلىرى، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كەڭ مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنياۋى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلارنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت ياخشى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، كەڭ مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلارنى قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، دەۋر بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇردى. "15-بەش يىل" مەزگىلى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، ھۇجۇم بىلەن مۇھىم ئۆتكەلنى ئالىدىغان مۇھىم باسقۇچ. مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، "ئىككىنى تىكلەش"نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، "تۆت ئاڭ"نى كۈچەيتىپ، "تۆت ئىشەنچ"نى چىڭىتىپ، "ئىككىنى قوغداش"نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز ساھەسىدە يېڭى تۆھپە يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى. بۇ يىللىق دەم ئېلىش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى "'15 ـ بەش يىل'دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش" بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇل تەتقىقات، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەلىرى ۋە پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ يوقلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ