لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ ئىسخېما-لايىھەسىنى قوغداش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2026.08.04 14:29 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ ئىسخېما-لايىھەسىنى قوغداش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، 2026-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«نىزام»دا توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ ئىسخېما-لايىھەسىنىڭ خاس ھوقۇقىنى قوغداپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىندى. «نىزام» جەمئىي ئالتە باب، 54 ماددا بولۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ ئىسخېما-لايىھەسىنى قوغداش خىزمىتىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قوغداش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنى تەكىتلەش بەلگىلەندى.

ئىككىنچى، ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ساختا ئىلتىماس قىلىش ئۆلچەملەشتۈرۈلدى، ماتېرىيال تەلىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، رەت قىلىش، بىكار قىلىش تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەرتىپى كۆپەيتىلدى.

ئۈچىنچى، خاس ھوقۇقنى قوغداش كۈچەيتىلدى. ھوقۇق دائىرىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھوقۇققا چېقىلىشنىڭ تۆلەم سالمىقى زورايتىلدى.

تۆتىنچى، ئىسخېما-لايىھەنى قوللىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاممىۋى مۇلازىمەت كۈچەيتىلىپ، مۇكاپات-ھەق تەدبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش، گۆرۈ قويۇش تەلىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى قېلىپلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ