
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى پارلامېنتقا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، گىرېنادادىكى سانت جورج ئەلچىخانىسى، ياپونىيەدىكى ناگويا كونسۇلخانىسى، ھىندونېزىيەدىكى مېدان كونسۇلخانىسى، كامېروندىكى دۇئالا ئەلچىخانىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى ھەمدە كانادا ۋىننىبېر كونسۇلخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئورۇننى تاقاشنى پىلانلىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەرداركىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تاقاش پىلانى ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىستېمىسىنى ئىخچاملىشى، "ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش" قارالمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئاقساراي باشقۇرۇش ۋە خامچوت ئىشخانىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق 30غا يېقىن ئاپپاراتنى تاقاشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن بۇلتۇر گوۋۇيۈەن كەڭ كۆلەمدە ئاپپارات ۋە خادىملارنى ئىخچاملىغان بولسىمۇ، چەت ئەلدىكى ھېچقانداق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىنى تاقىمىغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىيو ئالاقىدار ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتىكى زۆرۈر باسقۇچ دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ