ناۋرۇ دۆلەت نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى

2026.08.04 14:35 مەنبە: خەلق تورى

ئائارون خەۋىرى: ناۋرۇ جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بۇ دۆلەت نامىنىڭ "Nauru"دىن "Naoero"غا رەسمىي ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ناۋرۇنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە ئورگان تور بېكىتىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، بۇ ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى قاتارلىق تىللارغا چېتىلىدىكەن، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ جۇڭگو تىل-يېزىقىدىكى نامى "瑙鲁" ئۆزگەرمەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ