
مۇخبىرنىڭ دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى بانكا، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىشقا يېتەكلىگەن، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدار قەرز پۇل قالدۇقى يىل بېشىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %4، %25 ئاشقان؛ شۇ يىلى يېڭىدىن تارقىتىلغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدار قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يىل بېشىدىكىدىن 50 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىگەن؛ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى خەۋپ-خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن سومما جەمئىي 120 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ