جۇڭگودا بىرىكتۈرۈلگەن ئالماس دۇنياغا "ئىجادىيەت گۈزەللىكى" ئېلىپ كەلدى

2026.08.04 14:51 مەنبە: خەلق تورى

شاڭخەي تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودا ياسالغان بىرىكمە ئالماس (يېتىشتۈرۈلگەن ئالماس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئېكسپورتىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شاڭخەي ئالماس سودا ئورنى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىنغان ئادەتتىكى سودا ئېكسپورتىغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلار 1 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.3 ئاشقان.

شاڭخەي ئالماس سودا ئورنىنىڭ باش لىدىرى لىن چياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2000-يىلى قۇرۇلغان شاڭخەي ئالماس سودا ئورنى دۆلەت دەرىجىلىك ئامىل بازىرىغا تەۋە بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىردىنبىر ئالماس ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سۇپىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: "ئىلگىرى شاڭخەي ئالماس سودا ئورنىدا ئاساسلىقى تەبىئىي ئالماس ئىمپورت قىلىناتتى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ بىرىكمە ئالماس ئېكسپورتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيادىكى بىرىكمە ئالماس مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. ئىمپورت ۋە ئېكسپورتتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك ئورتاق ئىلگىرىلەشكە تايىنىپ، شاڭخەي تەبىئىي ئالماس بىلەن بىرىكمە ئالماسنىڭ خەلقئارا سودىسى ئۈچۈن 'پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش'تەك تەرەققىيات سەھنىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ."

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ