
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى شەنجياباۋدىكى جەنگو دەۋرىدىكى چىن بەگلىكىگە تەۋە قەبرىستانلىقنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە يېقىندا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ پەن-تەتقىقات كوللېكتىپى كۆپ پەن بويىچە بىرلەشمە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2300 يىل ئىلگىرىكى جەنگو دەۋرىدىكى چىن بەگلىكىنىڭ ئاشلىق ھاراق قالدۇقلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باھالاپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭ كونكرېت ئېچىتىش خام ماتېرىيالى ۋە ھۈنەر-سەنئىتىنى ئېچىپ بەردى. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرى «ئارخېئولوگىيە ژۇرنىلى: دوكلات»تا ئېلان قىلىندى.

شەنجياباۋ قەبرىستانلىقى گۇيۈەن شەھىرىنىڭ يۈەنجوۋ رايونىغا جايلاشقان، جەنگو دەۋرىدىكى چىن بەگلىكى سەددىچىن سېپىلىغا يېقىن بولۇپ، بۇ يەردىن جەنگو دەۋرىگە تەۋە 183 قەبرە قېزىلغان. ئارخېئولوگلار چىن مەدەنىيىتىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك سامساق بېشىسىمان بىرونزا كومزىكىدىن 3740 مىللىلىتىر قەدىمكى سۇيۇقلۇقنىڭ قالدۇقىنى ئايرىپ چىقتى. بۇ بىرونزا كومزەككە توقۇلما بۇيۇمنى ئەستەر قىلىش، سىرتىغا ئورگانىك سېغىز لاي سۈركەشتىن ئىبارەت قوش قەۋەتلىك ھىملەش ھۈنەر-سەنئىتى قوللىنىلغان بولۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ بۇلغىشىنى توسىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى قەدىمىي ھاراق ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان، پارغا ئايلىنىشى بىرقەدەر ئاز بولغان، بۇ ھازىرقى دۆلەت ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل، ئۇچۇر مىقدارى ئەڭ مول بولغان جەنگو دەۋرىدىكى چىن بەگلىكىگە تەۋە ھاراق تۈرىدىكى قالدۇق ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ