
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى شۈ يۈەنفېڭ، جياۋ سىيۈ
ليۇپەنشەن تېغى ئېتىكى، خۇلۇخې دەرياسى بويى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى شىجى ناھىيەسىدىكى جياڭتەيباۋغا جايلاشقان قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئۇچرىشىش خاتىرە باغچىسىدىكى ئۈچ ئارمىيە ئۇچرىشىش خاتىرە سارىيىغا «خۇيزۇ، خەنزۇ قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لەۋھە ئېگىز ئېسىلغانىدى. 1935-يىلى 10-ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنى باشلاپ بۇ يەردىن ئۆتكەندە، خۇيزۇ ئاخۇن بىلەن «دەنجياجى كەنتىدىكى مۇڭدىشىش» دېگەن قىزىل داستاننى قالدۇرغان. كېيىنكى يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، قىزىل 1-، 2-يۆنىلىش ئارمىيەسى جياڭتەيباۋدا غەلىبىلىك ئۇچراشقان.
2016-يىلى 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭتەيباۋغا كېلىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى:«ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلابىي خىسلىتىنىڭ جانلىق ئىنكاسى، بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.»
شىجى ناھىيەسى سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل روھقا پائال ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلاندى.
خاتىرە باغچىسىغا 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي ماۋجياگوۋ كەنتى ئىدى. 1936-يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇچرىشىپ بۇ يەردىن ئۆتكەندە، ئاممىنى ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن، جەڭچىلەر تاغ باغرىدا 23 گەمە كولاپ، شۇ يەردە 30 نەچچە كۈن تۇرغان. قىزىل ئارمىيە ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنتتىكى پۇقرالار ئۇزىتىپ قويغىلى كېلىپ، بەزىلىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگەن، بەزىلىرى جەڭچىلەرگە ياڭيۇ ۋە مومىلارنى يوللۇق تۇتقان. ماۋجياگوۋ كەنتىنىڭ ئاھالىسى شيې خۇڭيى بۇ ھېكايىنى كىچىكىدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدى.
بۇ قىزىل مۇنبەت تۇپراققا بولغان قىيالماسلىق بىلەن شيې خۇڭيى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ھېس قىلىش تەربىيە بازىسى بەرپا قىلدى. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى ئەسلەپ، ھازىرقى بەخت-سائادەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، قىزىل ئارمىيە تۇرغان گەمىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن بىر قاچا «قىزىل ئارمىيە پىنتوزىسى» تەييارلىيالايدۇ. 2020-يىلى، ماۋجياگوۋ كەنتى «مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت» بولۇپ تاللاندى.
شىجى ناھىيەسى «جانلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى» قىزىل تەتقىقات-ئۆگىنىش ماركىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ بەرپا قىلىپ، يېقىنقى يەتتە يىلدا جەمئىي 7 مىليون 401 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى نۆۋەتلىك قىزىل مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى سىجىل كېڭەيتتى.
قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
شىجى ناھىيەسىنىڭ جىچياڭ بازىرى ياڭخې كەنتىگە كېلىپ، يازغۇچى شى جىڭبو قۇرغان مۇلەن بىلىم گۈلزارىغا كىرگەندە، قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بىلىم گۈلزارى تەشكىللىگەن شېئىرىيەت كېچىلىكىدە، دېھقان يازغۇچىلار قىزىل تارىخنى ياد ئېتىپ، قىزغىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
دېھقان يازغۇچى شەن شياۋخۇا مۇنداق دەپ يازغان:«دەنجياجى كەنتىگە قەدەم باسقان ئاشۇ پەيتتە / ھېس قىلدىم ئۆزۈمنى ئاجايىپ رىۋايەتكە قەدەم قويغاندەك / كۆرۈندى كۆزۈمگە ئوقلار تېشىپ ئۆتكەن ئاشۇ ئىشىكلەر / ئاڭلاندى قۇلىقىمغا تۈمەن تۇلپار بىلەن بۇرغا ئاۋازى / يەنە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقمۇ بار / سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان...»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىجى ناھىيەسى يەرلىك يازغۇچىلارنى جياڭتەيباۋ، شەنجياجى قاتارلىق ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرمۇش ئۆگىنىپ ئىجاد قىلىشقا تەشكىللەپ، قىزىل ئەدەبىيات بويىچە تۇرمۇش ئۆگىنىش، قىزىل شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن يازغۇچى، ئەدەبىيات ھەۋەسكارىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. شىجى ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ليۇ دېفېي مۇنداق دېدى:«بىز قەلەم ۋە سىياھ ئارقىلىق شىجىدىكى قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە سىڭدۈرىمىز.»
ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى.
تومۇز ياز كۈنلىرىدە، شىجى ناھىيەسىنىڭ جياڭتەيباۋ بازىرى مىڭتەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ ۋېيخېڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىدا ئىشىنى تۈگىتىپلا، يەنە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئاشلىق-ياغ پىششىقلاش سېخىنى تەكشۈرۈشكە ماڭدى.
ليۇ ۋېيخېڭ مۇنداق دېدى:«مىڭتەي كەنتى قىزىل ئارمىيە غەلىبىلىك ئۇچراشقان جاي، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى بىزنى كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ياخشى كۈن كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.» بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە 500 مودىن ئارتۇق يەردە خۇڭمېي ئۆرۈكى ئېكولوگىيە ئۈلگە بەلبېغى، 1000 مودىن ئارتۇق يەردە سوغۇق كۆكتات بازىسى ھەمدە 36 كۈن نۇرى پارنىكىدىن تەركىب تاپقان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى. كەنت بەرپا قىلغان «قىزىل ئارمىيە ئۇچراشقان مەنزىلگاھ . ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرى» قاتارلىق تۈرلەرمۇ ئەمەلىيلىشىپ تىجارەت باشلاپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىپ قىزىل مەدەنىيەتنى ھېس قىلىشقا، يېزا-كەنت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.
يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق، 2025-يىلى مىڭتەي كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 410 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ يۈەنگە ئۆستى.
شىجى ناھىيەسى گۆش كالىسى، ياڭيۇ قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى، 2026-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 418 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.7 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %7.6 ئاشتى.
گۇيۈەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىجى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي شىبېي مۇنداق دېدى:«پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك ناھىيەسى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ