
ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، ھاۋا تەڭشىگۈچ ھەممە ئائىلىنىڭ سالقىنلاشتىكى مۇتلەق ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. ھاۋا تەڭشىگۈچنى قانداق ئىشلەتكەندە توكنى تېخىمۇ تېجىگىلى، تېخىمۇ ساغلام ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسىنى زىيارەت قىلدى.
"ھاۋا تەڭشىگۈچنى 26 سېلسىيە گىرادۇستا ئاچقاندا توكنى ئەڭ تېجىگىلى بولىدۇ" دېگەن قاراش ئىلمىي ھەم توغرىمۇ؟ جەنۇب ئېلېكتىر تورى گۇاڭدۇڭ ئېلېكتىر تورى شىركىتى توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى يەن شيەنرۈي مۇنداق جاۋاب بەردى: 26 سېلسىيە گىرادۇس مۇتلەق ئەڭ توك تېجەيدىغان تېمپېراتۇرا ئەمەس، بەلكى ئادەم بەدىنىنىڭ راھەتلىكى، ساغلاملىقى ۋە ئېنېرگىيە تېجەشكە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن تەۋسىيەلىك بېكىتمە قىممەت.
ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوۋۇتقاندىكى توك سەرپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بىرقەدەر كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر ھالقىلىق بولغىنى ئۆي ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى، يەنى تېمپېراتۇرا پەرقى قانچە كىچىك بولسا، ياسوجىنىڭ يۈكى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، توك سەرپىياتى شۇنچە ئاز بولىدۇ. "ھاۋا تەڭشىگۈچ ئارقىلىق سوۋۇتۇش دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئۆي ئىچىدىكى ئىسسىقلىقنى سىرتقا 'يۆتكەش' دېگەنلىك، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى قانچە چوڭ بولسا، ئىسسىقلىقنىڭ ئۆي ئىچىگە قايتىپ كىرىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ تۆۋەن تېمپېراتۇرىنى ساقلاش ئۈچۈن، ياسوجى چوقۇم ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئايلىنىشنى ساقلىشى كېرەك، شۇڭا توك سەرپىياتىمۇ تەبىئىيلا شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ" دېدى يەن شيەنرۈي.
26 سېلسىيە گىرادۇسنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەۋسىيە قىلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ ئادەمنىڭ بەدەن سېزىمىگە ماس كېلىدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ راھەت تېمپېراتۇرا بەلبېغى ھېسابلىنىدۇ. گۇاڭدۇڭنى مىسالغا ئالساق، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەندە، ھاۋا تەڭشىگۈچنى 26 سېلسىيە گىرادۇسقا تەڭشىگەن ئاساستا، ھەر بىر سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەتكەندە، توك سەرپىياتى %6تىن %10كىچە ئاشىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 26 سېلسىيە گىرادۇس كۆپ تەرەپلىك ئېھتىياجغا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن "ئەڭ ياخشى ئومۇمىي بۆلگۈچى سان".
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ