بۇلتۇر دۆلىتىمىزدە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانى 1 مىليارد 75 مىليون 910 مىڭغا يەتتى

2026.08.03 15:23 مەنبە: خەلق تورى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئىشلىرى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2025-يىللىق دۆلەت ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىيات ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانى 1 مىليارد 75 مىليون 910 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 3 مىليون 90 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن.

2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ياشانغانلار نوپۇسى 323 مىليون 380 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %23.0ىنى ئىگىلىگەن؛ مەملىكەت بويىچە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ياشانغانلار نوپۇسى 223 مىليون 650 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %15.9ىنى ئىگىلىگەن. مەملىكەت بويىچە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ياشانغانلار نوپۇسىنى بېقىش نىسبىتى %23.1 بولغان. مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر 79.25 ياشقا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ