
ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە «"15-بەش يىل"لىق ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.
لايىھەدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش يېتەكچى قىلىنىپ، مەۋقە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇلۇپ، "15-بەش يىل" مەزگىلىدە ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ نىشان كۆرسەتكۈچى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە تىرەك كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، مۈلۈك باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان ئورگان ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
لايىھەدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2030-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلىدۇ، ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلىدۇ، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاڭلىقلىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ، باشقۇرۇش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، تىرەك كاپالىتى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىنىدۇ، ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. 2025-يىلىدىكى كاربون قويۇپ بېرىش، ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستېمالى تۈپ سان قىلىنىپ، ئىستاتىستىكا دائىرىسىدىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ بىرلىك قۇرۇلۇش كۆلىمىدە كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى %8.5 ئازايتىلىدۇ، بىرلىك قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %5 ئازايتىلىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ ئىشلىتىش مىقدارى %3 ئازايتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ