
مۇخبىرىمىز نى يى
بىر يوشۇرۇلغان «قۇتا» ئېچىلىپ، شەخسىي سىر جىمجىتلا ئاشكارىلاندى... ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىدىكى تىپىك دېلو مىساللىرىدا، پەۋقۇلئاددە زور بىر «توردا قۇتا ئېچىش» دېلوسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار شىفىرلاشتۇرۇلغان خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ 900 مىليون گۇرۇپپىدىن ئارتۇق شەخسىي ئۇچۇرىغا قانۇنسىز ئېرىشكەن، 2000 دىن ئارتۇق كىشىلىك «قۇتا ئېچىش» توپى-گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، شەخسىي سىرنى خالىغانچە ئاشكارىلاپ، تور زوراۋانلىقىغا قۇتراتقۇلۇق قىلغان.
تەپتىش ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزغاندىن كېيىن ماس قەدەمدە ئارىلىشىپ، گۇڭئەن، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق كۆپلىگەن تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەۋھۇم پۇلنىڭ نامسىز نىقابىنى تېشىپ ئۆتۈپ، مەبلەغ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي سالاھىيەتنى بېكىتىپ، ئېنىق، مۇكەممەل بولغان دەلىل-ئىسپات زەنجىرى بەرپا قىلىپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتتى. دېلو بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تەپتىش ئورگانلىرى يەنە ئالاقىدار تور بېكەتلىرى ۋە باغلىنىشلىق توپ-گۇرۇپپىلارنى يوقىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ئىچىدىكى سۇپىلارغا ئالدىن سىگنال بېرىپ، تىرىشىپ شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى مەنبەدىن توستى.
شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى خەلقنىڭ رەقەملىك دەۋردىكى مۇھىم ھوقۇق-مەنپەئىتى. بۇ دېلونى بېجىرىش تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كارتىنىسى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم.» 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى:«كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.»
«15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆتكەن ئىككى يىلدا «خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ «خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداش» ئالاھىدە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەش، دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتنى چۆرىدەپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەق تەلەپ نازارەتچىلىك دېلولىرىنى بېجىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق 16 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا سىڭدۈردى.
نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇردى.
سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بەخت-سائادىتى.
ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرى ۋۇچۇەن ناھىيەسىدە، ئىلگىرى بىر «كېسەل ھالەتتە يۈرۈشىدىغان» يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى ئۇزاق مۇددەت ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بەرگەچكە، دەريا سۈيىنىڭ كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى بىنورمال بولۇپ، دائىم غەيرىي پۇراق چىقىپ تۇراتتى. تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلارغا تۈزەش توغرىسىدا دەۋادىن بۇرۇنقى تەپتىش تەكلىپىنى بەرگەندىن كېيىن، تۈزەش خۇددى «چىش پاستىسىنى سىققاندەك» پاسسىپ بولدى.
كۆكخوت شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى:«ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى تەكلىپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ، ‹دەۋا›نى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق ‹تۈزەش›نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى سۇندى. سوتتا ھەربىر پارچە باھالاش دوكلاتى، ھەربىر گۇرۇپپا كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتى بۇلغىنىشنىڭ سىجىللىقى ۋە زىيىنىنى ئېنىق ئېچىپ بەردى. دەۋانىڭ بېسىمى تۈزەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى، ئالاقىدار تارماقلار ئەڭ ئاخىرىدا يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى ھەم يېڭىدىن بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى پىلانلاپ، بۇلغىنىشتىكى «كېسەل يىلتىزى»نى مەنبەدىن يوقاتتى.
پۇل مۇئامىلە، ئۆي-زېمىن قاتارلىق ساھەلەردىكى ماجىرالارنى قانۇن بويىچە پۇختا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچ قوشۇشتىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال ئەدلىيەلىك قوغداشنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقىچە، يەنە تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغداش، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداشقىچە... تەپتىش ئورگانلىرى نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەر ۋە مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتتى.
«تەپتىش ئەمەلدارى، پۇلىمىز ھېساباتقا كىردى!» بۇ يىل 3-ئايدا، جياڭشى شاڭراۋ شەھىرى شىنجوۋ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى دېھقان ئىشلەمچى لاۋچېننىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، لاۋچېن ۋە 94 ئىشدىشىنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مائاشىنىڭ نېسى قالغىنىغا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغانىدى. كېسىمدە غەلىبە قىلىپ، سوت مەھكىمىسىمۇ ئىجرا قىلىشقا رۇخسەت قىلىش كېسىمى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن تەرتىپنى جىپسىلاشتۇرۇش مەسىلىسى سەۋەبىدىن دېلو بىر ئىزدا توختاپ قالغانىدى.
تەپتىش ئورگىنى مېخانىزمدىكى توسۇق نۇقتىلارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بەرگەن بىر ۋاراق دەل جايىدا تەپتىش قىلىش تەكلىپىنى سوت مەھكىمىسىگە تۈزۈپ تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوت مەھكىمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ باش قوشۇپ كېڭىشىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرتىپنى راۋانلاشتۇردى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئىشچىلارنىڭ مائاشى تولۇق سومما بويىچە ھېساباتقا كىردى.
«خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداش»تا باشتىن-ئاخىر ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال-ئەھۋالىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ساھەسىدە، تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىگە «قىلچە يول قويمىدى»، 2025-يىلى 73 مىڭ كىشىنى ئەيىبلىدى؛ جىنايەتكە چېتىشلىق بالىلارنى چىن كۆڭلىدىن «تەربىيەلىدى، تەسىرلەندۈردى، قۇتقۇزدى»، قانۇن بويىچە قوشۇمچە شەرت تەتبىقلاپ 16 مىڭ كىشىنى ئەيىبلىمىدى. تەپتىش ئورگانلىرى ئاياللار، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئوخشاشلا ئىنچىكە، ئەتراپلىق قوغداپ، زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاشتىن توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قوغداش تورىنى بارغانسېرى زىچ توقۇدى.
خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشتى.
ئەنخۇينىڭ سۇجوۋ شەھىرىدە، تەپتىش ئورگىنى بىر تۈركۈم بىنورمال «ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش» دېلولىرىنى بايقىدى. جاۋابكارلارنىڭ ھەممىسى دەۋاگەرنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىگە قارىتا دادىللىق بىلەن «ھېساباتنى ئېتىراپ قىلدى.» ئەسلىدە، مەلۇم ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسى مەلۇم كارخانىنىڭ مەسئۇلى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك ئەمگەك توختامى، مائاش جەدۋىلىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، 81 ئادەمنى «كۆپ يىل خىزمەت قىلغان» دەپ ئويدۇرۇپ چىقىپ، كۈچكە ئىگە ھۆكۈمدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ، دۆلەت ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى بولغانىكەن.
سوت مەھكىمىسى تەپتىش ئورگىنى چىقارغان قايتا سوت قىلىش تەپتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، خاتا ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. تەپتىش ئورگىنى يەنە يىپ ئۇچىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەپتىش تەكلىپىنى چىقىرىپ، دېلو يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە دائىر دائىملىق ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ «ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى»، «جان ساقلاش پۇلى»نىڭ «قانۇنچىللىق قۇلۇپى»نى مەنبەدىن مۇستەھكەملىدى.
ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنى قاتتىق جازالاپ، پۇقرالارنىڭ «ھەميېنى»نى قوغداشقىچە؛ «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ھۆكۈمنى نەقلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىن يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشكىچە، تەپتىش ئورگانلىرى دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىر دېلودىكى «كىچىك بۆسۈش ئېغىزى» ئارقىلىق، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى «چوڭ ئىش»لارنى پۇختا ئىشلىدى.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداشنىڭ يادروسى ‹قوغداش›، ئاچقۇچى ‹ئەمەلىي بولۇش›. تەپتىش ئورگانلىرى ‹15-بەش يىللىق› تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى بېجىرىپ، خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى خەلق ئاممىسى ھېس قىلالايدىغان، سېزەلەيدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان ھالەتتە پۇختا ئىشلەپ، قانۇنچىللىق سالمىقى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىللىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ