جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2026.07.31 14:35 مەنبە: خەلق تورى

يىغىندا پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش قارار قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنى بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى ۋە مۇھاكىمە قىلىندى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، پارتىيە ۋە خەلق پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشمۇ نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملىشى ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى شەرت.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشتا ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئاساس قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى كۆزلەپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىغا، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تاشقى زەربە ۋە ئىچكى قىيىنچىلىقلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا قۇۋۋەت يېڭىلىنىش، قۇرۇلما ئەلالىشىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى، كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ساقلانما سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان كۆپەيمە سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، تەمىناتنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يېڭى، ئەۋزەل، ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا ياخشى باشلىنىشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماكرولۇق سىياسەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، مالىيە چىقىمى ۋە زايوم مەبلىغىنى ئىشلىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇش ۋە «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملەش كېرەك. پۇل سىياسىتى قورالىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ ھەم ئۇنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىچكى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ يولغا قويۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش كېرەك. «ئالتە تور» يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇل تەتقىقاتنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم قوللاشنى كۈچەيتىپ، «سۈنئىي ئەقىل+» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاقىل ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقىلنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە كېلەچەك كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن تۈۋرۈك كەسىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئادىل، تەرتىپلىك بولغان بازار رىقابەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى نىزامىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى داۋاملىق ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، كارخانىلارنىڭ ھېساباتتىكى پۇلنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى دائىملىق ھەل قىلىش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقئارا ئىقتىساد-سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تاشقى سېلىنمىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەملىكەت سىرتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغنى پائال جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى، يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىك چوشقا قاتارلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن ۋە پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «ياشانغانلار، بالىلار»غا مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىخەتەرلىك توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۆي-زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قەرزنى تۈگىتىشكە دائىر بىر قاتار لايىھەنى ياخشى يولغا قويۇپ، يەرلىكتىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىپ خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىشى، مىقدارنى ئازايتىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خەۋپ-خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرى، دەريا توسمىلىرى، قىيان ۋە گېئو ئاپەت خەتەرلىك رايونلىرى، شەھەرلەردىكى ئويمان، ئاسان ھۆلچىلىك بولىدىغان نۇقتىلار قاتارلىقلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ