ياپونىيە 22-قېتىم يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە باشلىدى

2026.07.31 14:36 مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيە توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى يولغا قويدى، بۇ مۇشۇ مالىيە يىلىدىكى 4-قېتىملىق، شۇنداقلا ئومۇمىي 22-قېتىم يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ.

فۇكۇشىما يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 10 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە)، توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بۇ نۆۋەتلىك يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى باشلىغان.

توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پىلانى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، قويۇپ بېرىلىدىغان يادرو بۇلغىما سۇ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 7800 توننا بولۇپ، رادىيوئاكتىپلىق ترىتىينىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليارد بېكېرېل ئىكەن.

2023-يىل 8-ئايدا، ياپونىيە تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك گۇمانى ۋە قارشىلىقىغا پىسەنت قىلماي، فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى ئۆز ئالدىغا مەجبۇرىي قوزغاتقان. مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، جەمئىي 21 قېتىم يادرو بۇلغىما سۈيىنى قويۇپ بەرگەن، قويۇپ بەرگەن سۇ مىقدارى تەخمىنەن 165 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ