شىنجاڭدىكى ئەڭ يېڭى كادىرلار ئۆزگىرىشى

2026.07.31 14:46 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىدا قەيسەر ئابدۇكېرىمنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى، ۋاڭ جياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى؛ يىغىندا ۋاڭ شۆدۇڭ، جاڭ يۈنشوۋ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى؛ يىغىندا ئابلىكىم ئابدۇقادىرنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا، جالىنتوتەينى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا، سۇلايمان ھۈسىيىننى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە-مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ