2016-يىلى "شىنجاڭ ياخشى جاي" تېمىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى باشلاندى

2026.07.31 14:45 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، "شىنجاڭ ياخشى جاي" تېمىسىدىكى 2026-يىللىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە پائالىيىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىخەنزە شەھىرىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە "شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش · غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ھۆسن قوشۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 651 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرى ۋە 549 نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ۋارىسلىرى توپلانغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئۆلكە ۋە كۆرگەزمە قىلىنغان تۈرلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئەڭ كۆپ بولغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى داڭلىق ماركا پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش باش تېمىلىق كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۇدا ئالتە يىل ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي 1999 نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ۋارىسلىرى قاتناشتى، 1868 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرى كۆرگەزمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ