
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان «2025-يىللىق جۇڭگو تور ئەدەبىياتى كۆك تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە تور ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 33 مىليوندىن، ئوقۇرمەنلەر كۆلىمى 500 مىليون كىشىدىن ئاشقان. رېئالىزم، ئىلمىي فانتازىيە، تارىخ، فانتازىيە قاتارلىق چوڭ تۈرلەردىكى ئىجادىيەت سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەن.
2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چەت ئەلگە چىقارغان جۇڭگو تور ئەدەبىياتى ئەسىرى جەمئىي 130 مىڭدىن ئاشقان؛ ھازىر بار بولغان چەت ئەلدە تىزىملاتقان ئابۇنىچى سانى تەخمىنەن 250 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2025-يىلى 40 مىليون كىشى يېڭىدىن كۆپەيگەن، چەت ئەلدىكى ئاكتىپ ئابونىچى سانى دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان. چەت ئەللەردىكى تور ئەدەبىياتى ۋە ئالاقىدار مىكرو تىياتىر سۇپىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئاكتىپ ئابونىچى ئومۇمىي سانى 60 مىليونغا يېتىپ، چەت ئەلدىكى تىجارەت كىرىمى 8 مىليارد يۈەندىن (تور ئەدەبىياتى سۇپىسىنىڭ مىكرو تىياتىر كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېشىپ، بازاردا كۆپ قۇتۇپلىشىپ ئاشقان.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ