ئوقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك! يەسلىدىن داشۆگىچە، دۆلەت تۆۋەندىكى ياردەملەرنى بەردى

2026.07.30 14:32 مەنبە: خەلق تورى

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى باسقۇچىدا

2025-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بىر يىللىق يەسلىدىكى بالىلارنى بېقىش، تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى، مائارىپ تارماقلىرى تەستىقلاپ تەسىس قىلغان پۇقراۋى يەسلىلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا قارىتا، شۇ جايدىكى ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىش سەۋىيەسىدىن پايدىلىنىپ، تەربىيەلەش ھەققىنى مۇناسىپ كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى.

2025-يىلى، ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بىر يىللىق بېقىش، تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يەسلىدە ئوقۇۋاتقان 14 مىليوندىن ئارتۇق بالىغا نەپ يەتكۈزدى.

مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا

2025-يىلىدىن باشلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەسلىدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى ناھىيە بازارلىرىنى يەرلىك پىلانغا كىرگۈزدى.

2025 ـ يىلى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 18 مىليون 770 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى، 27 مىليون 580 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدىن بەھرىمەن بولدى.

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە

2025-يىلىدىن باشلاپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي ياردەم ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى 2000 يۈەندىن 2300 يۈەنگە ئۆستۈردى.

2025-يىلى 4 مىليون 650 مىڭ ئوقۇغۇچى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى، 1 مىليون 990 مىڭ ئوقۇغۇچى پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولدى.

ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا

2025-يىلىدىن باشلاپ، مەركەز ئالىي مەكتەپ ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى مەركەز مالىيەسىدىن قوللاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر ماگىستىر ئاسپىرانتقا ھەر يىلى بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە، ھەربىر دوكتور ئاسپىرانتقا ھەر يىلى بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى 10 مىڭ يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈردى.

2025-يىلى، 210 مىڭ ئوقۇغۇچى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا، 1 مىليون 220 مىڭ ئوقۇغۇچى دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا، 2 مىليون 640 مىڭ ئوقۇغۇچى ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، 12 مىليون 710 مىڭ ئوقۇغۇچى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى، 8 مىليون 520 مىڭ ئوقۇغۇچى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى بېجىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ