
مۇخبىرىمىز جاڭ سۇڭ
"خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن-ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولۇش"، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالتە چوڭ مۇنەۋۋەر ئالاھىدىلىكىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى، بۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كېلىش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: "كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۇقرالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلىگەن، تۇرمۇشى ئازادە بولغاندىلا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خاتىرجەم بولىدۇ.»
شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، پارتىيەمىز جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلدە كۆرسىتىپ، "خەلق بىلەن باشتىن-ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ كەلدى».
پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، قان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنى باشتىن-ئاخىر "ئىمتىھانغا ئاتلىنىش" سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ساقلاپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا يېتەكلەيدۇ.
"مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن" دېگەننى دائىم ئۆزلەشتۈرۈش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنىڭ "بىرىنچى دەرس"ى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى بولدى.
كىم ئۈچۈن دېگەن مەسىلە بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىنتاش.
تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە كاڭدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، "قىشلىق پاختىلىق يوتقاننىڭ بار-يوقلۇقىنى"، "ئىسسىنىشقا ئىشلىتىدىغان كۆمۈرنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكى"نى تەپسىلىي سورىدى؛ بېيجىڭدىكى خۇتۇڭدا ئاھالىلەر بىلەن خۇتۇڭ قورۇلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى، "دۇچ كەلگەن ئاساسلىق قىيىنچىلىق نېمە" دېگەنگە كۆڭۈل بۆلدى. ..باش شۇجى خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئەندىشىسىنى ئىگىلەپ، پۇقرالارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
"ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر"، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنىڭ مەيدانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى بەھرىلەندۈرۈشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. "خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز" دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىدە، "مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن" دېگەن ساپ قەلب، چوڭقۇر مۇھەببەتتە، داھىي خەلق بىلەن قەلبداش بولدى، پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايى ماس قەدەمدە بولدى.
"پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش"كە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇق، چوڭقۇر ئۈمىد، ئاممىنىڭ ئىشىنى "دائىم ئويلاش"تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىغا ئايلاندى.
"ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىش"، خەلقنى ئۇستاز تۇتۇش، خەلقتىن ئۆگىنىش.
"مەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويدۇم.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەتتە قېتىم مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، 50 نەچچە قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايلىنىپ، نامرات ئامما بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلدى، ئۆزى باشلامچى بولۇپ پۈتۈن پارتىيەگە بىر قېتىملىق جانلىق "تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دەرسى" ئۆتتى.
"خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەقىقىي قەھرىمان." باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا رازى بولۇش كېرەك».
يېڭى دەۋردىكى "فېڭچياۋ تەجرىبىسى"دە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى باش شۇجى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى: "خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك».
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تور ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، پارتىيەمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا پىكىر ئېلىندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: "پارتىيەنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئەۋزەللىكى − ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ زور خەۋپ − ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش».
خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلق بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىغاندىلا، پارتىيە پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسىگە ئىگە بولىدۇ.
"ئابىدىنى خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە تىكلەش كېرەك"، خەلققە بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە.
ئەينى يىلى فۇجيەننىڭ دۇڭشەن ناھىيەسىدە، گۇ ۋېنچاڭ كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ قاقاس ئارالنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغانىدى، پۇقرالار ھازىرغىچە ھەر يىلى بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يەنىلا "ئالدى بىلەن گۇ ۋېنچاڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئاندىن ئاتا-بوۋىسىغا تەزىم قىلىدۇ". بۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىنىڭ ياخشى ئۈلگىسىنى باش شۇجى قايتا-قايتا تىلغا ئالدى: "كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە، مۇھىمى پۇقرالارنىڭ باھاسىنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك.»
خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلاش. ئىش قىلىش، سىياسىي نەتىجە يارىتىشتىكى مەقسەت خەلققە بەخت يارىتىشنى مەقسەت قىلىش. يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ بىر ۋاق ئىسسىق تامىقىنى ھەل قىلىشتەك كىچىك ئىشلاردىن دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشتەك چوڭ ئىشلارغىچە، "خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئارزۇسى ئالدىدا، بىز قىلچە قانائەتلىنىپ قالساق ۋە بوشىشىپ قالساق بولمايدۇ".
خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز شۇنىڭدىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىشىمىز ۋە ئۇنى تۈزىتىشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ دائىم بوشاشماي تۇتۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش "پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى قالتىس تەدبىرى"گە ئايلاندى؛ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەشتە، "پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ"...پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازىدۇر.
دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى.
بۇ مۇساپىدە بىز خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگۈدەك جاۋاب قەغىزىنى ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇردۇق.
ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ! ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتا، خەلق مەڭگۈ بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچىمىزدۇر.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ