شىنجاڭ 200 نەپەر ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرى قاتارلىقلارنى كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ

2026.07.29 15:33 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، 3 ـ نۆۋەتلىك “مېھىر-شەپقەت يورۇقلۇق سەپىرى . پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش” تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى شىنجاڭ قەشقەردە باشلانغان بولۇپ، 200 نەپەر ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان.

پائالىيەت كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ماس قەدەمدە ئاممىۋى پاراۋانلىق خالىس كېسەل كۆرۈش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، نەق مەيدانغا كەلگەن ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋە نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنى ھەقسىز كۆز تەكشۈرۈش، ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون. 2024-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتى نۇرغۇن ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، “مېھىر-شەپقەت يورۇقلۇق سەپىرى . پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش” تېمىسىدا ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەت كۈچلىرى ئارقىلىق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىگە كۈچ قوشتى، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس ئاممىۋى پاراۋانلىق مەبلىغى توپلاپ، جەمئىي 1000دىن ئارتۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋە نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ كۆزىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىدىن 500 دىن ئارتۇقنى تاماملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ