
7-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەۋلان تۇرسۇننىڭ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلەنلىكىنى، كۇلۇبنىڭ ئەسلىدىكى باش دىرېكتورى ۋاڭ جۇڭرېننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇققا تەڭشەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۇلۇب كورېيەلىك تىرېنېر جياڭ جېڭشيۇنىڭ كوماندىنىڭ باش تىرېنېرلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، كوماندا باشلىقى ئابدۇسالام ئابدۇرېشىتنىڭ ياردەمچى تىرېنېرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، چى لىننىڭمۇ كۇلۇب بىلەن توختامنى ئۇزارتىپ بولغانلىقىنى، داۋاملىق 11-نومۇرلۇق توپ كىيىمىنى كىيىپ CBA يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ