
7-ئاينىڭ 27-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «يۈز ناھىيە يۈز مەكتەپكە ئۇدۇللىشىش» بويىچە مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى يۈننەن كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ناھىيەنىڭ كەسىپ بايلىقى بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ماسلىشىشى دەل جايىدا ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ناھىيە-شەھەردىكى 170 تىن ئارتۇق نۇقتىلىق كارخانا توپلاشقان بولۇپ، 2000 دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، پۇل مۇئامىلە، سودا، ئۇچۇر تېخنىكىسى، مەدەنىيەت، ساياھەت، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مائارىپ، تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ ساھەنى قاپلىغان بولۇپ، 2026 ـ يىلى مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ مەنبەلىك، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىش ئورنى تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ