
مۇخبىرنىڭ 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 ـ يىلى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 160 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىلگەن بولۇپ، 2024 ـ يىلىدىكىدىن %5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 18 مىليون 770 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن، 27 مىليون 580 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدىن بەھرىمەن بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2025-يىلى مەملىكەت بويىچە ياردەم مەبلىغى 390 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %14 ئاشقان. مالىيە سېلىنمىسى 240 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ