30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىنجاڭ يادرولۇق بۆلىكىدە پات ئارىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ

2026.07.28 15:06 مەنبە: خەلق تورى

537 كىلومېتىرلىق ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى، G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىڭشىڭشيا-قومۇل بۆلىكى، قومۇل-تۇيۇق بۆلىكىدە پات ئارىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ

7-ئاينىڭ 27-كۈنى، G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىڭشىڭشيا-قومۇل بۆلىكى، قومۇل-تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش يىغىنى قومۇلدا ئېچىلدى، تۈر پۈتكۈزۈپ تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن رەسمىي ئۆتتى، بۇ دۆلەتنىڭ شەرق-غەرب يۆنىلىشىدىكى قاتناش چوڭ تومۇرىنىڭ شىنجاڭ يادرولۇق بۆلىكىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، پات ئارىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاساسىي يولىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئۆسىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ