
مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 27-كۈنى مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى تارماقلىرى تور بېكىتى سۇپىلىرىنىڭ ئۇچۇر مەنبەسىنى ئەسكەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلغان، يېقىندا، چارلاپ تەكشۈرۈشتە بەزى ”ئۆز تاراتقۇ“لارنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئېقىم مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغاندا، ئۇچۇر مەنبەسىنى ئۆلچەملىك ئەسكەرتمەي، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئاممىنىڭ تونۇشىنى ئېغىر دەرىجىدە خاتا يېتەكلىگەنلىكىنى بايقىغان. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى تارماقلىرى چارلاپ تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تور بېكىتى سۇپىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ 3704 ھېسابات نومۇرىنى قانۇن، كېلىشىم بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا، خاتا ئەسكەرتىش، ئەسكەرتمەسلىككە ئالاقىدار 48 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قىسقا سىن كۆرۈنۈشىنى تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغان.
تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى تارماقلىرى كەڭ ”ئۆز تاراتقۇ“ ئىجادىيەتچىلىرىگە مەزمۇننىڭ چىنلىق تۆۋەن چېكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىش مىزانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۇچۇر مەنبەسىنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكار ھالدا ئۆلچەملىك، توغرا ئەسكەرتىپ، ئېلان قىلغان ئۇچۇر مەزمۇنىغا مەسئۇل بولۇشنى ئەسكەرتتى. تور بېكەت سۇپىلىرى ئۇچۇر مەنبەسىنى ئەسكەرتىش فۇنكسىيەسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلچەملىك ئەسكەرتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم-مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۇچۇر مەنبەسىنى ئەسكەرتىشتە ئەسكەرتمە قويۇشقا تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ئەسكەرتمە قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، ساغلام، ئۈمىدۋار تور ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ