كەلگۈسى بەش يىلدا تەنھالىقنى خالاش كېسىلىنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە غەمخورلۇق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ

2026.07.28 15:04 مەنبە: خەلق تورى

تەنھالىقنى خالاش كېسىلى دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلە. جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى جوۋ چاڭكۇي 7-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «”15-بەش يىل“نى باشلاش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ”15-بەش يىل“لىق يىرىك پىلانى»دا «تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە غەمخورلۇق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى» ئۈچۈن مېيىپلەر ئىشلىرى مەخسۇس يىرىك پىلانىدا تۇنجى قېتىم ئايرىم مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىندى.

”15-بەش يىل“ مەزگىلىدە دۆلىتىمىز ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە غەمخورلۇق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە قارىتا بالدۇر تاللاپ تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتۇش بىلەن ساغلاملىقنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، 0 ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈپ ئارىلىشىش مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ۋە نوپۇسى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)لەرنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆلكە مەركىزىي شەھىرى، پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر ۋە چوڭراق شەھەرلەرنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە دائىر ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى قۇرۇشىنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ