دۆلىتىمىز مېيىپلەر مائارىپى، چوڭلار ھامىيلىقى قانۇنى قاتارلىق قانۇن-تۈزۈملەرنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ

2026.07.28 15:03 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزگەن «”15-بەش يىل“نى باشلاش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېڭ كەي «مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ”15-بەش يىل“ لىق يىرىك پىلانى»نىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ”15-بەش يىل“ مەزگىلىدە مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، جايلارنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قانۇنىنىڭ يەرلىك نىزاملىرىنى چىقىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، مېيىپلەر مائارىپى، چوڭلار ھامىيلىقى قانۇنى قاتارلىق قانۇن-تۈزۈملەر تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە 110 دىن ئارتۇق قانۇن، 70 تىن ئارتۇق مەمۇرىي نىزام، 90 دىن ئارتۇق يەرلىك نىزامدا مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ