
ئۆز مۇخبىرىمىز
يېقىنقى مەزگىلدە، ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلنى ياخشىلىشىغا، ئاممىنىڭ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ئۇلىنى مۇستەھكەملەش
غەربىي قىسىم ئىلىم-پەن شەھەرچىسى چۇڭچىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ”بەش شەرت“نىڭ ئېنىق تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ”ھالقىلىق ئاز سانلىقلار“ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ”مۇتلەق كۆپ سانلىقلار“غا تۈرتكە بولدى، ئاساسلىق رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، تەۋەلىكتىكى 16 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتتى.
”ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جەزمەن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىش كېرەك. “ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرى فېڭياڭ ناھىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، رەھبەرلىك بەنزىسى قىزغىن مۇزاكىرىنى قانات يايدۇردى.
فېڭياڭ ناھىيەسى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرىنى ئاممىنىڭ داۋالىنىش، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە رايونى كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش مۇلازىمەت مەركىزىنى ئەمەلىي گەۋدە بويىچە يۈرۈشتۈرۈش، كونا مەكتەپ بىنالىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش، مەھەللە گىرەلەشمە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى ”قار-مۇز شەھىرىدە قورغان قۇرۇش. چېگرا ئېغىزىدا قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى لەپىلدەپ تۇرۇش“پارتىيە قۇرۇلۇشى ماركىسىغا تايىنىپ، ”ئات ئۈستىدىكى دەرسخانا“، ”كىگىز ئۆيدە بىلىم يەتكۈزۈش“قاتارلىق خاس ۋاسىتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 316 لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇردى، بۇ چارۋىچىلىق رايونىدىكى 73 مىڭ 200 ئادەم قېتىم پارتىيە ئەزاسىنى قاپلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجابىي، سەلبىي تىپىك مىساللاردىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلغار ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سەلبىي مىساللار ئارقىلىق ئىبرەت تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى چېگرا رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.
ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش
بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ”ئىشىكتىن كىرىشى قىيىن بولۇش“، ”ئايرىشى قىيىن بولۇش“قاتارلىق مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ”يېڭى ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىش“تىن ئىبارەت كېڭىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كوچا باشقارمىسى، سودا چەمبىرىكى، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى، قاتناش باشقۇرۇش، گۇڭئەن، سۇپا كارخانىلىرىنى يىغىپ، بىللە ئولتۇرۇپ ئامال تېپىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ”دوستانە شەھەر رايونى“قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇردى.
لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى ”خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش شەرت“ دېگەن مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بازار، كوچا باشقارمىسى، كەنت، مەھەللە، نۇقتىلىق كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتىلار، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تاپتى، ئەمەلىي تەكشۈردى؛ كونا ھېساباتنى رەتلەشمۇ سىياسىي نەتىجە دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قۇرۇلۇش توختىتىلغان، كېچىكتۈرۈلگەن تۈرلەرگە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇبىر ھۆكۈم قىلىپ، ”بىر بىناغا بىر لايىھە بولۇش“تىن ئىبارەت بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ۋاقىت جەدۋىلى، ۋەزىپەنامىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشانلىق كۈچەپ، جانلاندۇرۇشنى تېزلەتتى.
ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئېجوۋ شەھىرى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق سۈنئىي ئەقىل كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا كۈچىدى. سۈنئىي ئەقىل كەسپىدىكى بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، چوڭ-چوڭ تۈرلەر، نۇقتىلىق كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، ياردەم قىلىش-يۆلەشكە تاللاپ ئەۋەتتى.
شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرى پىڭلى ناھىيەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاستا بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش تەكرار بولۇش قاتارلىق توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت ـ بانكا ـ كارخانا سۆھبەت يىغىنى، ”بىرىنچى باشلىق“ يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق، تىرىشىپ مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، ئىلمىي ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە ۋاقتىدا كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى لۇڭدې ناھىيەسى ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش ئارقىلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەۋقەنى سوۋۇتۇلغان كۆكتات، گۆش كالىسى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، زەمبۇرۇغ-موگۇ قاتارلىق خاس كەسىپلەرگە قويۇپ، ”پاي تىجارىتى، گىرەلىشىپ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ئۈچ نۆللۈك ئورتاق بېيىش، ئۈچنى تۇتاشتۇرۇپ ئۈچنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت خىل ئەندىزىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ دېھقانلار بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 6500 يۈەندىن كۆپرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئەمەلىي ئىشلەپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش
بۇ يىل يازدا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى داچىڭ شەھىرى خۇبىن ئوقۇتقۇچىلار گۈللۈكىنىڭ ئاھالىسى سۈن خەيپىڭ سۇ ئىشلىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. ئىككى ئاي ئىلگىرى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۇلاشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، كونا ئولتۇراق رايوننى كۆپ يىللاردىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان سۇ بىلەن تەمىنلەش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولدى.
داچىڭ شەھىرى ”كەشتىچىلىك ماھارىتى“بىلەن كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى “بىر بىناغا بىر تەدبىر“ قوللىنىشقا قويۇپ، ئىنچىكىلەشكەن، پەرقلىق ئۆزگەرتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈردى.
جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭشياڭ شەھىرى لۇشى ناھىيەسى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئارقىلىق تارماق توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ”بېجىرگىلى بولۇش“تىن ”ياخشى بېجىرگىلى بولۇش“قا يۈزلەندۈردى. ئىش بېجىرىش زالىدا، ”شىشياۋبەن“ رەقەملىك ئادەم توردا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، يەككە ئادەم قېتىم مەسلىھەت سوراش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ 12345 قىزىق لىنىيەسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇرەككەپ ئىش تالونى ئەۋەتىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، تارماق ھالقىپ پىكىرلىشىش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتتى؛ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىلەر قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى پۈتۈن جەريانلىق ھەقسىز ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دىڭشى شەھىرى لۇڭشى ناھىيەسى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياشانغانلار ئاشخانىسىدا تاماق قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. كېجەي بازىرىنىڭ جاڭجياۋەن كەنتى بىكار تۇرغان مەكتەپ بىنالىرىنى مېھىر - شەپقەت ئاشخانىسىغا ئۆزگەرتتى، كەنت كوللېكتىپى ئاق تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشقا ماس قەدەمدە قاتنىشىپ، پايدىسى ئارقىلىق ئاشخانىغا نەپ يەتكۈزدى؛ يەنە ”ئەمگەكنى تاماق بېلىتىگە ئالماشتۇرۇش“مېخانىزمىنى يولغا قويدى، ياشانغانلار ئۆزى تېرىغان كۆكتاتنى تاماق بېلىتىگە ئالماشتۇرسا، يەنە مېھىر- شەپقەت ئاشخانىسىنى تازىلاش، ئەخلەت يىغىۋېلىش قاتارلىق ئەمگەكلەر بىلەن تاماق بېلىتىگە ئېرىشسىمۇ بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق تىرىشىپ ياشانغانلارنى يېيىش، ياخشى يېيىش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.
(گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى شى يىچى، ۋاڭ جىنتاۋ، ليۇ خۇڭچاۋ، جۇ داۋېي، پەن جۈنچياڭ، جاڭ دەنخۇا، چى جىمىڭ، فەن خاۋتيەن، لى يانەن، تيەن شيەنجىن، ۋاڭ شىنيۆ، جياۋ سىيۈ)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ