
شىنجاڭ دۆلەتلىك گىرىم بۇيۇملىرى خاس مۇلازىمىتى 2-باسقۇچلۇق سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈش تەستىقىغا ئېرىشتى
ئىستېمالچىلارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىغا بولغان خاسلاشقان، كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، گىرىم بۇيۇملىرى خاس مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گىرىم بۇيۇملىرى خاس مۇلازىمىتىنى 2-باسقۇچلۇق نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سەككىز ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى.
شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرى خام ئەشيا بايلىقى ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، مەھسۇلات خاسلىقى روشەن. نۇقتىدا سىناق قىلىش مەزگىلىدە، تەۋەلىكتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن گىرىم بۇيۇملىرىنى ئەنگە ئالدۇرغۇچى ۋە چېگرا سىرتىدىكى ئەنگە ئالدۇرغۇچى ھوقۇق بەرگەن چېگرا ئىچىدىكى مەسئۇل كىشى، ئۆزى ئاچقان بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى، مەخسۇس سېتىش دۇكىنى قاتارلىقلاردا ئىستېمالچىلارنىڭ خاسلاشقان تېرە ئاسراش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، نەق مەيداندا ئەنگە ئېلىنغان ئادەتتىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئاز مىقداردا ئاددىي تەڭشەش، بۆلۈپ قاچىلاش قاتارلىق ئىككى خىل ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتنىشىدىغان كارخانىلار ئىجتىمائىي ئىناۋىتى ياخشى، سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەل، گىرىم بۇيۇمى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بار گىرىم بۇيۇملىرىنى ئەنگە ئالدۇرغۇچى ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئەنگە ئالدۇرغۇچى ھوقۇق بەرگەن چېگرا ئىچىدىكى مەسئۇل كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى سەۋەبىدىن قانۇن بويىچە جازالانمىغان بولۇشى كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى 2027-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ